ئامېرىكا سۆھبەت نەتىجىسىز بولغاندا، باشقا تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى للويد ئوستىن (Lloyd Austin) ئىران بىلەن داۋاملىشىۋاتقان يادرو سۆھبەتلىرى نەتىجىسىز بولغاندا، باشقا تەدبىرلەرنىڭ تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1745687
ئامېرىكا سۆھبەت نەتىجىسىز بولغاندا، باشقا تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى للويد ئوستىن ئاۋستىرىيە پايتەختى ۋىيېننادا ئىران يادرو سۆھبەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىسىرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بېنني گانتز (Benny Gantz) بىلەن بەش بۇرجەكلىك بىنادا كۆرۈشتى.

ئۇ كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «ئىسىرائىلىيەنىڭ ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ تېرروىزمغا قىلىۋاتقان ياردىمى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىلىرى ۋە كىشىنى ئەندىشەگە سالىدىغان يادرو پائالىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەزىيەتنى مۇقىمسىزلاشتۇرىدىغان ھەرىكەتلىرىدىن ھېس قىلىۋاتقان چوڭقۇر قايغۇلىرىمىزنى ئورتاقلىشىمىز» دېدى.

ئۇ ئامېرىكا بىلەن ئىسىرائىلىيەنىڭ، ئىراننىڭ يادرو قورالغا ئىگە بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا «پۈتۈنلەي ئوخشاش پىكىردە» ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ، سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«بۇ ئامېرىكا ۋە ئىسىرائىلىيە، شۇنداقلا دۇنيانىڭ مىللىي خەۋپسىزىك مەنپەئەتىدۇر. ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى ئايلاردىكى يادرو پائالىيەتلىرىدىن، ھەم داۋاملىشىۋاتقان ئىغۋاگەرچىلىكلىرىدىن ھەمدە ئىجابىي دىپلوماتىك پىرىنسىپ كەمچىللىكلىرىدىن چوڭقۇر ئەندىشە ھېس قىلىمەن. پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ ئېنىق ئىپادە بىلدۈرگىنىدەك، سۆھبەت مۇۋەپپەقىيەتسىز بولغان ئەھۋالدا باشقا تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا تەييارمىز. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىران تەھدىتلىرىگە قارشى ئىسىرائىلىيەنى ئاساس قىلغان ھالدا رايوندىكى بارلىق شېرىكلىرىمىز بىلەن داۋاملىق تۈردە يېقىندىن ھەمكارلىشىدۇ. ئۆزىمىزنى، دوستلىرىمىزنى ۋە مەنپەئەتلىرىمىزنى قوغدايمىز.»

ئىسىرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گانتز: «ئىرانغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق ھەربىي تەييارلىق ۋە ئىراننىڭ رايوندىكى ئۇرۇشقاقلىقىنى، يادرو ئارزۇسىنى توختىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېمىلاردىكى دىيالوگىمىزنى ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىقلىرىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتىمىز. ئىراننىڭ دۇنيا ۋە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئېيتالايمەن» دېدى.

گانتز ئىراننىڭ ئىسىرائىلىيە دۆلىتى ئۈچۈن مەۋجۇتلۇق تەھدىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.          



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر