ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ جەڭچىلىرى ئىراقتىن چېكىندى
ئىراقتىكى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەر قارمىقىدىكى جەڭچىلەرنىڭ ئىراقتىن چېكىنگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.
1745275
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى — ئىنا، ئىراق دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرى قاسىم ئاراجىنىڭ «ئىتتىپاقداش كۈچلەر بىلەن ئاخىرقى سۆھبىتىمىزنى ئاخىرلاشتۇردۇق. ئىتتىپاقداش كۈچلەر قارمىقىدىكى جەڭچىلەرنىڭ ئىراقتىكى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلىشىپ چېكىندى» دېگەن سۆزلىرىنى ئابۇنىتلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.
ئىرانغا يېقىن شىئە قوراللىقلار يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ، دېكابىر ئېيىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئىراقتىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيەدە ئىرقىي قىرغىنچى بېنيامىن نېتانياھۇغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
ئىسرائىلىيەدە ئىرقىي قىرغىنچى بېنيامىن نېتانياھۇغا قارشى نامايىشچىلار يەنە كوچىلارغا چىقتى.