رىياد فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ قاشىقجى ۋەقەسىگە چېتىشلىق گۇماندار توغرىسىدىكى خەۋەرلىرىنى رەت قىلدى

رىياد، بىر سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقراسىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقجى ۋەقەسى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى.

1744695
رىياد فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ قاشىقجى ۋەقەسىگە چېتىشلىق گۇماندار توغرىسىدىكى خەۋەرلىرىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رىياد، بىر سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقراسىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقجى ۋەقەسى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدىكى چارلېز دېگول ئايرودۇرۇمىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ راست ئەمەسلىكىنى جاكارلىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پارىژدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا دۆلىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى مەنبە قىلغان ھالدا بايانات ئېلان قىلىپ، نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان كىشىنىڭ مەزكۇر ۋەقە بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى.

ئايرودۇرۇمدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان كىشىنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنىڭ تەلەپ قىلىنغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «دۆلەت پۇقراسى مەرھۇم قاشىقجى جىنايىتىگە ئارىلاشقانلىقى ئېنىقلانغان بارلىق كىشىلەرنىڭ جازالىرى سەئۇدى ئەرەبىستان ئەدلىيەسى تەرىپىدىن كېسىلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ جازالىرى ئىجرا قىلىنماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئەدلىيە تارماقلىرىنى مەنبە قىلغان خەۋەرلىرىدە، قاشىقجىنىڭ ئىستانبۇلدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسىدا ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن چېتىشلىقى بار بىر گۇماندارنىڭ پارىژدىكى چارلېس دېگول ئايرودۇرۇمىنىڭ چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى تەرىپىدىن نارازەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

خەۋەرلەردە، 33 ياشلىق گۇماندار خالىد ئەلئۇتەيبىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادقا كېتىش ئۈچۈن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش ئەسناسىدا تۇتۇلۇپ قالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلمانغا قاراتقان تەنقىدلىرى بىلەن تونۇلغان «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئىستون يازغۇچىسى جامال قاشىقجىنىڭ 2018 – يىلى 2 – ئۆكتەبىر سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىدا ئۆلتۈرۈلۈپ، جەسىتىنىڭ پارچىلىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر