باڭلادىشتا 20 ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى

باڭلادىشتا 2019-يىلى بىر ئۇنىۋېرستېت ئوقۇغۇچىسىنى تۋىتتېردا ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلغان ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلىگەنلىكى سەۋەبىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن 20 ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى.

1744579
باڭلادىشتا 20 ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باڭلادىش پايتەختى داككادا سوت مەھكىمىسى ئابرار فاخاد ئىسىملىك ئۇنىۋېرستېت ئوقۇغۇچىسىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن 20 ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بەردى. بەش ئادەمنى مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلدى.

ئۇنىۋېرستېتنىڭ ئىككىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى بولغان فاخاد تۋىتتېردا 2019-يىلى 7-ئۆكتەبىر ھىندىستان بىلەن باڭلادىش ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمدە، ھۆكۈمەتنى ۋە باش مىنىستىر شەيخ ھاسىنانى تەنقىد قىلغان ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلىگەنلىكى ئۈچۈن، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئاۋامى بىرلەشمىسىنىڭ ئوقۇغۇچى قانىتى «باڭلادىش چھاترا بىرلەشمىسى» گە ئەزا ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن ئىدى.

فاخاد ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، پۈتكۈل باڭلادىشتا نامايىشلار پارتلىغان ئىدى.

باڭلادىش باش مىنستىرى ھاسىنا ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈپ، فاخادنىڭ ئائىلىسىگە ئادالەتنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ئىدى.

2019-يىلى 13-نويابىر داككا سوت مەھكىمىسى ساقچىلارنىڭ   «باڭلادىش چھاترا بىرلەشمىسى» نىڭ 25 رەھبىرى ۋە ئەزاسىنىڭ ۋەقەگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى دوكلاتىدىن كېيىن، سوتلاشنى باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر