نىگېرىيەدە يولۇچىلار پاراخوتى قازاسىدا قازا قىلغانلار سانى كۆپەيدى

نىگېرىيەنىڭ كانو ئۆلكىسىدە 30 – نويابىر كۈنى يولۇچىلار پاراخوتىنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 42 گە يەتتى.

1743976
نىگېرىيەدە يولۇچىلار پاراخوتى قازاسىدا قازا قىلغانلار سانى كۆپەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانو ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى ئابدۇللاھ كىياۋانىڭ  بىلدۈرۈشىچە، يولۇچىلار پاراخوتىنىڭ باغۋاي دەرياسىدا ئۆرۈلۈپ كېتىشىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە يەنە 13 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلغان.

شۇنىڭ بىلەن ، يولۇچىلار پاراخوتى قازاسىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 42 گە يەتكەن، ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋامىدا 9 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىنغان.

كانو ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن يولۇچىلار پاراخوتى قازاسىدىن كېيىن، ئۆلكىدىكى دەريالاردا سودا پاراخوتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ۋاقىتلىق توختىتىلغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، نىگېرىيەدىكى يامغۇر پەسلىدە دەريالاردا پات-پات پاراخوت ھادىسىلىرى يۈز بېرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر