بايدىن ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

1743862
بايدىن ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزىدىغان سىن كۆرۈنۈشلۈك تېلېفون يىغىنىدىن ئىلگىرى فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

ئاقساراي يازما بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، ئىتالىيە باش مىنىستىرى مارىيو دىراگى ۋە ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون قاتارلىقلار بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەنلىكىنى؛ سۆھبەت جەريانىدا مەزكۇر رەھبەرلەرنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا ئەسكەر توپلىشى ۋە ئۇنىڭ بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان باياناتلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

رەھبەرلەر رۇسىيەنى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشكە چاقىرىپ، نورماندىيە فورماتىغا ئاساسەن ئىشلىنىدىغان دىپلوماتىك خىزمەتلەرنىڭ دونباستىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى مىنىسكى كېلىشىملىرى ئارقىلىق ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن رەھبەرلەر، بۇ مەسىلىگە ئورتاق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش ئۈچۈن قويۇق ئالاقىنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشتى.

بۇ جەرياندا ئاقساراي باياناتچىسى جېن پساكى بايانات بېرىپ، رۇسىيە - ئۇكرائىنا جىددىيلىكىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بارلىق دىپلوماتىك ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سالىدىغانلىقلىرىنى ۋە رۇسىيە ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلغان ئەھۋال ئاستىدا، ھەربىي ئۇسۇل قوللىنىپ مۇداخىلە قىلىشنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دەسلەپكى تاللىشى ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر