بلىنكېن گىرېتسىيە باش مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكىس بىلەن تېلېفونلاشتى.

1743913
بلىنكېن گىرېتسىيە باش مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكىس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى، تېلېفون سۆھبىتىدە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مىنىستىر بلىنكېن ۋە گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكىس، تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچىنى كۆزدىن كەچۈردى، رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ئالدىدا ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوللاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپادا مۇقىملىق ئورنىتىشنى تەشۋىق قىلىشتا ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى، تېلېفون سۆھبىتىدە، يەنە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى سېلىنما پائالىيەتلىرىنىڭ قويۇقلاشتۇرۇلۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر