17 - نۆۋەتلىك ئاستانە سۆھبەتلىرى نۇرسۇلتاندا ئۆتكۈزۈلىدۇ

قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئايبېك سمادىياروف مەتبۇئاتقا بايانات بېرىپ، سۈرىيە مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك 17 - قېتىملىق ئاستانە سۆھبىتىنىڭ ۋاقتىنىڭ ئايدىڭلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1744279
17 - نۆۋەتلىك ئاستانە سۆھبەتلىرى نۇرسۇلتاندا ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە كىرىزىسىغا چارە تېپىش مەقسىتىدە 2017 - يىلى تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ كاپالىتى ئاستىدا باشلانغان 17 - قېتىملىق ئاستانە سۆھبىتى 21 - دېكابىردىن 22 - دېكابىرغىچە قازاقىستاننىڭ پايتەختى نۇر سۇلتاندا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئايبېك سمادىياروف مەتبۇئاتقا بايانات بېرىپ، سۈرىيە مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك 17 - قېتىملىق ئاستانە سۆھبىتىنىڭ ۋاقتىنىڭ ئايدىڭلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

سمادىياروف، سۆھبەتلەرنىڭ 21 - 22 - دېكابىر كۈنلىرى نۇر سۇلتاندا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ۋە كېپىل دۆلەتلەر (تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران)نى ئۆز ئىچىگە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ قاتنىشىشنى جەزملەشتۈرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئاخىرقى قېتىملىقى 7-، 8 – ئىيۇل نۇرسۇلتاندا ئۆتكۈزۈلگەن سۈرىيەگە مۇناسىۋەتلىك 16 – نۆۋەتلىك ئاستانە سۆھبىتىدە، سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ يەتكۈزۈلۈشى، شېۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مەھبۇسلارنى ئالماشتۇرۇش، تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ۋە غايىب بولۇپ كەتكەنلەرنى ئىزدەش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر