سومالىدا رېستوراندا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 5 كىشى قازا قىلدى

سومالىدا بىر رېستورانغا قىلىنغان بومبا ھۇجۇمىدا 5 كىشى قازا قىلىپ، 6 كىشى يارىلاندى.

1743367
سومالىدا رېستوراندا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 5 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەيدوئا رايونىنىڭ دېرىكتورى ئۆمەر مۇھەممەد ھۇجۇمنىڭ غەربىي جەنۇب ئۆلكىسىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان خېرىدارى كۆپ بىر رېستوراندا يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

مۇھەممەد: «يوشۇرۇن ھالدا رېستورانغا ئېلىپ كېرىلگەن بومبا پارتىلاش نەتىجىسىدە 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى» دېدى.

مۇھەممەد ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلاردىن بىرسىنىڭ ئەسكەر ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلەپ، يەنە 6 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېرورلۇق تەشكىلاتى ئەششابابنىڭ ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقى ئېلان قىلىندى.

ئەششاباب سومالىدا پات - پات بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا ۋە پۇقرالارغا  ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر