ماسكا تاقاشنى ئۇنتۇپ قالغان دانىيە باش مىنىستىرى كەچۈرۈم سورىدى

ماگزىندا مال سېتىۋېلىش جەريانىدا كوۋىد-19 تەدبىرلىرى سۈپىتىدە ماسكا تاقاشنى ئۇنتۇپ قالغان دانىيە باش مىنىستىرى مېتتې فرېدېرىكسېن كەچۈرۈم سوراپ بايانات ئېلان قىلدى.

1743644
ماسكا تاقاشنى ئۇنتۇپ قالغان دانىيە باش مىنىستىرى كەچۈرۈم سورىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دانىيە باش مىنىستىرى مېتتې فرېدېرىكسېن ماسكا تاقاشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن 4 - دىكابىر كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابدا كەچۈرۈم سوراپ ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

دانىيە باش مىنىستىرى ئۇچۇرىدا، «تۈنۈگۈن مەن كوپېنھاگېندا بىر دۇكاندىكى چاغدا ماسكا تاقاشنى ئۇنتۇپ قالدىم. يېڭى قائىدىلەرنى بېكىتكەن تۇرۇغلۇق كېيىن ئۆزۈم ئۇنى ئۇنتۇپ قالدىم. بىر پۇقرايىمىز سىنغا ئالغانلىقى ئۈچۈن خەۋەر بولۇپ كەتتى. بۇ ئىشنىڭ يالغۇز مېنىڭلا ئەمەس، ھەممىزنىڭ بېشىغا كېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلىمەن. شۇڭا ئەلۋەتتە كەچۈرۈم سورايمەن ۋە ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن قىلغان بارلىق ئىشلىرىمىز ئۈچۈن كۆپچىلىككە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر