گېرمانىيەدە جامە دەۋازىسىغا چوشقا بېشى ئېسىپ قويۇش ۋەقەسى يۈز بەردى

گېرمانىيەنىڭ دورتموند شەھىرىدە سالاھىيىتى نامەلۇم بىر كىشى دىنىي ئىشلار ئىدارىسى تۈرك-ئىسلام بىرلىكى (DITIB) گە قاراشلىق ئېۋىڭگ سەلىمىيە جامەسىنىڭ دەۋازىسىغا چوشقا بېشىنى ئېسىپ قويدى.

1743470
گېرمانىيەدە جامە دەۋازىسىغا چوشقا بېشى ئېسىپ قويۇش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېۋىڭگ سەلىمىيە جامەسىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، بۇ ھۇجۇمنىڭ «ئىرقچىلىق ۋە يىرگىنچلىك» ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، بۇ خىل ھۇجۇملارنىڭ ئۇلارنى قورقۇتمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

باياناتتا: «بۇ يىرگىنچلىك ئىپلاس ھەرىكەت مۇدىرىيىتىمىز تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلىنىدۇ» دېيىلدى.

چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىش ۋە ئىسلامغا دۈشمەنلىك قىلىش ئېقىمىنىڭ شۇنداقلا ئوڭ قانات ئاشقۇنلۇقنىڭ دورتموند ۋە ئېۋىڭگ خەلقىنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشىغا توسقۇنلۇق قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن باياناتتا يەنە، ۋەقەدىن كېيىن ئېۋىڭگ رايونى شەھەر باشلىقى ئولىۋېر ستېنس ۋە شىمالىي رېيىن-ۋېستفالىيە مۇئاۋىن باشلىقى ۋولقان باراننىڭ ھال سوراپ زىيارەتكە كەلگەنلىكى ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈلدى.

جامەنىڭ بىخەتەرلىك كامېراسىدا، تۈنۈگۈن (2021-يىلى 5-دېكابىر) ئەتىگەن سائەت 04:32 دە نامەلۇم بىر كىشىنىڭ جامەنىڭ دەرۋازىسىغا بېرىپ، چوشقا بېشىنى ئاسقانلىقى ۋە  چوشقا بېشى بىلەن ئۆزىنى رەسىمگە تارتقانلىقى كۆرۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر