ئىراقتىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 1 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 3 ساقچى يارىلاندى

ئىراقنىڭ سۇلايمانىيە شەھرىدە ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق ۋەقەسى دوكلات قىلىنغاندىن كېيىن، نەق مەيدانغا ئەۋەتىلگەن ساقچى ماشىنىسىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.

1743040
ئىراقتىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 1 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 3 ساقچى يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  قوراللىق ھۇجۇمدا 1 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە 3 ساقچى يارىلاندى.

قوراللىق ھۇجۇم ئىراقنىڭ سۇلايمانىيە شەھىرى تەنجەرو رايونىدا يۈز بەردى.

ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق ۋەقەسى دوكلات قىلىنغاندىن كېيىن نەق مەيدانغا بارغان ساقچى ماشىنىسى ھۇجۇم نىشانى قىلىندى.

ھۇجۇمدا، ماشىنىدا ئولتۇرغان بىر ساقچى باشلىقى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 3 ساقچى يارىلاندى. قوراللىق ھۇجۇمدىن كېيىن ساقچى ماشىنىسىغا ئوت قويۇپ بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ كىملىكى ئېنىقلانغانلىقى ۋە زوراۋانلىققا ئۇچرىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئايالنىڭ تۇغقانلىرى ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر