كولۇمبىيەدە ھەربىيلەرگە قىلىنغان ھۇجۇمدا 1 ئەسكەر قازا قىلىپ، 2 ئەسكەر يارىلاندى
كولۇمبىيەنىڭ ئانتاكيۇ مەمۇرىي رايونىدا، ھەربىي قىسىمغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 1 ئەسكەر قازا قىلدى ۋە 2 ئەسكەر يارىلاندى.
1743111
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولۇمبىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئانورى يېزىسىدا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي قىسىم قىلتاققا چۈشۈرۈلگەن. ھۇجۇمدا 1 ئەسكەر نەق مەيداندا قازا قىلغان ۋە 2 ئەسكەر ئېغىر يارىلانغان.
دائىرىلەر بۇ ھۇجۇمنى «Clan del Golfo» ناملىق تەشكىلاتىنىڭ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
رايوندا ھەربىي ھەرىكەت باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
كولۇمبىيەدە ئەڭ جىددىي تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنىڭ بىرى، «Clan del Golfo» نىڭ رەھبىرى «دايرو ئانتونىيو ئۇسۇگا» 24 - ئۆكتەبىردىكى ھەربىي ۋە ساقچىلارنىڭ بىرلەشمە ھەرىكىتىدە قولغا ئېلىنغان ئىدى.