بايدىن ۋاقىتلىق خامچوت لايىھەسىنى تەستىقلىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەبلەغ يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن تىجارىتىنى توختىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋاقىتلىق خامچوت قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالىدى.

1742923
بايدىن ۋاقىتلىق خامچوت لايىھەسىنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شۇنداق قىلىپ، 2021 - مالىيە يىلى ئاخىرلاشقان  30- سېنتەبىردە ماقۇللانغان ۋاقىتلىق خامچوتنىڭ ۋاقتى توشۇشتىن بىر قانچە سائەت بۇرۇن، يېڭى ۋاقىتلىق خامچوت يولغا قويۇلغان بولدى.

ۋاقىتلىق خامچوت قانۇن لايىھەسىنىڭ ئامېرىكا ۋاقتى جۈمە كۈنى يېرىم كېچىدىن بۇرۇن ماقۇللىنىشى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ تاقىلىشىنىڭ ئالدى ئېلىندى.

ئامېرىكا قانۇنلىرىغا ئاساسەن، ئەگەر پارلامېنت 1- ئۆكتەبىر باشلىنىپ (يەنە بىر يىلنىڭ) 30- سېنتەبىر كۈنىگىچە بولغان مالىيە يىلىنىڭ مەڭگۈلۈك خامچوتىنى تەستىقلىيالمىسا، ۋاقىتلىق خامچوتلار ئارقىلىق بۇ بوشلۇق تولدۇرۇلىدۇ.

ۋاقىتلىق خامچوتمۇ تەستىقلانمىغان ئەھۋاللاردا، چىقىم قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالغان فېدېراتىپ ئورگانلار پائالىيىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر