ئامېرىكا ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە رۇسىيەنى ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا ئاقساراي باياناتچىسى پساكى رۇسىيەنى ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، «2014-يىلى قىرىمدا قىلغىنىغا ئوخشاش قەدەملەرنى باسماسلىق» نى چاقىرىق قىلدى.

1742547
ئامېرىكا ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە رۇسىيەنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئاقساراي باياناتچىسى پساكى كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، يېقىنقى كۈنلەردە ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە كۈچىيىۋاتقان ئامېرىكا-رۇسىيە زىددىيىتى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ موسكۋانىڭ ئۇكرائىناغا قارشى «ئۇرۇشقاق» قەدەملىرىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرەېي لاۋروۋغا ئۇكرائىنا توغرىسىدىكى بارلىق ئەندىشەلىرىنى ناھايىتى ئوچۇق ھالدا يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكانىڭ رۇسىيەگە قارشى ئېمبارگولاردىن باشقا ۋاستىلەرنىڭ بار-يوقلۇقى توغرىسىدىكى سوئالغا، ئۇكرائىناغا قىلىۋاتقان ھەربىي ياردەملەرنى كۆپەيتىلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق جاۋاب بەردى:

«ئەگەر رۇسلار 2014-يىلى (قىرىمنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىش جەريانى) قىرىمدا قىلغىنىغا ئوخشاش ھەرىكەتلەرنى قىلسا، قولىمىزدا نۇرغۇن ۋاستىلەرنىڭ بارلىقىنى ئۇلارغا بىۋاستە يەتكۈزدۇق.»

 ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن ستوكھولمدا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشكەندە، موسكۋا ئۇكرائىنا چېگراسىدا ھەربىي جىددىيچىلىكنى ئۇلغايتقان تەقدىردە ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ، دەپ بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.

باياناتچى پساكى سۆزىدە، ئالېكساندىر لۇكاشېنكو ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى بېلارۇسىيەگە يېڭى ئېغىر ئېمبارگولارنى يولغا قويغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ ئېمبارگولارنىڭ 5-دولقۇنى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ لۇكاشېنكو ھۆكۈمىتىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى باستۇرۇش، «ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئادەم ئەتكەسچىلىكىنى تەشكىللەش» بىلەن ئەيىبلەپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تەڭ ماسلاشقان ھالدا، زۆرۈر بولغاندا يېڭى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا بېلارۇسىيە ھاكىمىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك 12 شىركەت ۋە 20 ئەمەلدارنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر