بلىنكېن ئىراندىن يادرو كېلىشىمىگە قايتىشىنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئىراندىن 2015-يىلى ئىمزالانغان يادرو كېلىشىمىگە قايتىشىنى تەلەپ قىلدى.

1742441
بلىنكېن ئىراندىن يادرو كېلىشىمىگە قايتىشىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن، شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ستولھولمدا چاقىرىلغان ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 28 – نۆۋەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنى ئەسناسىدا، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ۋە ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يائىر لاپىد بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، ئۇچرىشىشلاردا، ئىران ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، ئىراننىڭ  2015-يىلى ئىمزالانغان يادرو كېلىشىمىگە قايتىشى ئۈچۈن مۇزاكىرىلەرگە قاتنىشىپ قاتناشمايدىغانلىقىنىڭ 2 كۈن ئىچىدە مەلۇم بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىراننىڭ ۋېياننا مۇزاكىرىلىرىگە مەنىلىك بىر شەكىلدە قاتنىشىشى ئۈچۈن يەنىلا پۇرسىتى بارلىقىنى قەيت قىلدى.

رۇسىيەنىڭ يېقىنقى ھەپتىلەردە ئۇكرائىنا چېگراسىدا بارغانسېرى زورىيىۋاتقان ھەربىي پائالىيەتلىرىدىنمۇ قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن بلىنكېن، مۇنداق دېدى: «رۇسىيە، يېقىنقى ھەپتىلەردە ئۇكرائىنا چېگراسىغا ھەربىي قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرماقتا، بىز ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوللايمىز، بۇ كىرىزىسنىڭ دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، كىرىزىسنى ھەل قىلىش يولىدا ھەر ئىككى تەرەپ بىلەنمۇ كۆرۈشۈشكە تەييارمىز، ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەگە ھەرقانداق شەكىلدە تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكىگە ئىشەنمەيمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر