بلىنكېن بىلەن ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نافتالى بېننېت تېلېفوندا كۆرۈشتى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نافتالى بېننېتقا، ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى تىرىشچانلىقلىرىغا زىيان سالىدىغان، بىر تەرەپلىمە قەدەملەردىن يىراق تۇرۇشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.

1742587
بلىنكېن بىلەن ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نافتالى بېننېت تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نافتالى بېننېتقا، ئىسىرائىلىيەنىڭ ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى تىرىشچانلىقلىرىغا زىيان سالىدىغان، قانۇنسىز تۇرالغۇ رايونى قۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تەرەپلىمە قەدەملەردىن يىراق تۇرۇشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس بلىنكېن بىلەن ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى بېننېت بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتى توغرىسىدا ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا: «مىنىستىر بلىنكېن بىلەن باش مىنىستىر بېننېت كۈچلۈك بولغان ئامېرىكا-ئىسىرائىلىيە شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تەكىتلىدى. ئىران ۋە ۋىيېننادا داۋاملىشىۋاتقان يادرو سۆھبىتى، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەب بولغان دۇنياۋى سىناقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايون خەۋپسىزلىكى مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى. مىنىستىر بلىنكېن يەنە، ئىسىرائىلىيە ۋە پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ يىرىكچىلىكنى كۈچەيتىدىغان ۋە تۇرالغۇ رايونى قۇرۇش پائالىيەتلىرىنى كۆپەيتىش قاتارلىق مۇزاكىرە قىلىنغان ئلىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىشنى ئالغا سۈرىدىغان تىرىشچانلىقلارغا زىيان سالىدىغان بىر تەرەپلىمە قەدەملەردىن يىراق تۇرۇش كېرەكلىكىنى قاتتىق تەكىتلىدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر