ب د ت باش ئىشتابى ئالدىدا قوراللىق جىنايەت گۇماندارى تەسلىم بولدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش ئىشتابى جايلاشقان كوچىنىڭ تاقىلىشىغا سەۋەب بولغان قوراللىق جىنايەت گۇماندارى تەسلىم بولدى.

1742519
ب د ت باش ئىشتابى ئالدىدا قوراللىق جىنايەت گۇماندارى تەسلىم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش ئىشتابىنىڭ 42-يكوچىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا قوراللىق ئىكەنلىكى كۆرۈلگەن جىنايەت گۇماندارى سەۋەبىدىن 1- يول قاتناشقا تاقالدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئامانلىق ساقلاش قىسمىمۇ، بىنا سىرتىدىكى «بىخەتەرلىك ئەھۋالى» تۈپەيلى، بارلىق خىزمەتچى - خادىملار، دىپلوماتلار ۋە ژۇرنالىستلارغا بىنادىن ئايرىلماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بايانات ئىشلىرى ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، نىيۇ يورك ساقچى ئىدارىسىنىڭ قوراللىق جىنايەت گۇماندارى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى، ئۇدا بىرقانچە سائەت داۋاملاشقان سۆھبەتتىن كېيىن، جىنايەت گۇماندارىنىڭ تەسلىم بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

نىيۇ يورك ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، جىنايەت گۇماندارىنىڭ نازارەت ئاستىدا ئىكەنلىكى ۋە خەتەرلىك ئەھۋالنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

قاتناشقا تاقالغان يول، جىنايەت گۇماندارىنىڭ ساقچىلارغا تەسلىم بولۇشىدىن كېيىن ئېچىلدى، ھەمدە بىنا ئەتراپىدىكى قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى بىكار قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر