ياپون دېڭىزىدا بىر يۈك پاراخوتى غەرق بولۇپ كەتتى

ياپون دېڭىزىدا چۆكۈپ كەتكەن يۈرك پاراخوتىنىڭ 17 خادىمى قۇتقۇزۇۋېلىندى، بىر ئادەمنى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ.

1741720
ياپون دېڭىزىدا بىر يۈك پاراخوتى غەرق بولۇپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاناما بايرىقى ئېسىلغان «خۇئېي خىرۇستال» ناملىق يۈك پاراخوتى ياپونىيەنىڭ غەربىدىكى شىمانې ئۆلكىسى دېڭىز قىرغىقىدا ياردەم سىگنالى بەردى؛ سىگنالنى تاپشۇرۇپ ئالغان ياپونىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى، رايونغا قۇتقۇزۇش خادىملىرىنى يوللىدى.

مەزكۇر يۈك پاراخوتىنىڭ ئوكىنوشىما ئارىلىنىڭ 380 كىلومېتىر شەرقىي شىمالىغا 380 كىلومىتىر  كېلىدىغان جايدا چۆكۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ۋەقە يۈز بەرگەن رايونغا ئەۋەتىلگەن جەنۇبىي كورېيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى پاراخوتلىرى غەرق بولۇپ كەتكەن پاراخوتتىن كامېر كېمىگە چىقىۋېلىش ئارقىلىق ئامان قالغان 17 پاراخوت خادىمىنى قۇتقۇزۇۋالدى.

ياپونىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى يوقاپ كەتكەن بىر ئادەمنى ئىزدەشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئىگىلىنىشچە، چۆكۈپ كەتكەن پاراخوت رۇسىيەنىڭ ناخخودكا پورتىدىن ياپونىيەنىڭ كىنۇرا پورتىغا 8 مىڭ توننا كۆمۈر ئېلىپ يولغا چىققان بولۇپ، پاراخوتتىكى خادىملارنىڭ ھەممىسى ۋېيتناملىق ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر