ئامېرىكا: خىتاي رايوندىكى سۈركىلىشنى كۈچەيتىۋاتىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خىتاينىڭ ئاۋازدىنمۇ تېز قورال – ياراغلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىزدىنىشىنىڭ «رايوندىكى سۈركىلىشنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكى» نى بىلدۈردى.

1741973
ئامېرىكا: خىتاي رايوندىكى سۈركىلىشنى كۈچەيتىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئاستىن، جەنۇبىي كورېيەنىڭ پايتەختى سېئۇلدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى دائىرىسىدە، جەنۇبىي كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سۇھ ۋوك بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

خىتاينىڭ ئاۋازدىنمۇ تېز قورال – ياراغلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىزدىنىشىنىڭ «رايوندىكى سۈركىلىشنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكى» نى ئەسكەرتكەن ئاستىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خىتاي شەكىللەندۈرۈۋاتقان يوشۇرۇن تەھدىتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى، خىتاينىڭ ھەربىي ئىمكانىيەتلىرىگە قارىتا ئەندىشىلىرىنىڭ بارلىقىنى، شۇڭا، خىتاينىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىغا قارىتا يوشۇرۇن تەھدىتكە قارشى مۇداپىئە كۆرۈش ۋە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

جەنۇبىي كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سۇھ بىلەن شىمالىي كورېيە شەكىللەندۈرگۈسى تەھدىتلەر ۋە تۈرلۈك مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى ئېيتقان ئاستىن، شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە باشقا قورال-ياراغ پىروگراممىلىرىنىڭ رايون بىخەتەرلىكىنى تېخىمۇ مۇقىمسىزلاشتۇرىدىغانلىقى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

جەنۇبىي كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سۇھ بولسا، جەنۇبىي كورېيە بىلەن شىمالىي كورېيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىلگىرىكى ۋەدىلەرگە ئاساسلىنىدىغان دىپلوماتىيە ۋە دىيالوگنىڭ، كورېيە يېرىم ئارىلىدا ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىق ئورنىتىلىشى ئۈچۈن شەرت ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر