ئىدلىب ئولتۇراق رايونى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

سۈرىيەدە ، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىسى ئىراننىڭ كونتروللۇقىدىكى تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرى سۈرىيەنىڭ ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلدى.

1742072
ئىدلىب ئولتۇراق رايونى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە ، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىسى ئىراننىڭ كونتروللۇقىدىكى تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرى سۈرىيەنىڭ  ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ ھالدا پۇقرالار ئولتۇراق رايونىغا ھۇجۇم قىلىپ ئالتە پۇقرانى يارىلاندۇردى.

ئىدلىبنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى سەراقىب رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى قىسىملىرى بىلەن ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى چەت ئەل تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىدىن تەشكىل تاپقان بىرلەشمە كۈچلەر، ئىدلىبنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بىننىش ناھىيەسىگە قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىپ، ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلدى؛ پۇقراۋى قوغدىنىش مەنبەلىرى ھۇجۇمدا ئىككىسىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ جەمئىي ئالتە ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى، يارىلانغانلارنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلاردا بالنىستقا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر