ياپونىيەنىڭ ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيەسىنىڭ رەئىسلىكىگە ئىزۇمى كېنتا سايلاندى

ياپونىيەدىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى، «ئاساسىي قانۇن دېموكراتلار پارتىيەسى» نىڭ رەئىسلىكىگە پارتىيەنىڭ سىياسەت دىرېكتورى ئىزۇمى كېنتا سايلاندى.

1741297
ياپونىيەنىڭ ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيەسىنىڭ رەئىسلىكىگە ئىزۇمى كېنتا سايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سابىق رەئىس ئېدانو يۇكىيو پارلامېنت ئومۇمىي سايلىمىدا ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقى تۈپەيلى ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئاساسىي قانۇن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسلىك سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى.

پارتىيە ئىچىدىكى سايلامدا غەلبە قىلغان ئىزۇمى سايلامدىن كېيىنكى نۇتقىدا: «ئىنساننى مەركەز قىلغان سىياسەتلەرنى نىشان قىلغان ۋە ھەممەيلەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان پارتىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن،  پۈتۈن كۈچىمىزنى ئىشقا سېلىپ، كەلگۈسىگە قاراپ ئىلگىرىلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن» دېدى.

47 ياشلىق ئىزۇمى ئەسلىدە دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى خوككايدودىن بولۇپ، تاشقى سىياسەت ۋە يادرو ئېنېرگىيىە كۈچى ساھەلىرىدە «ئەمەلىيەتچىل ئۇسۇل» غا چاقىرىق قىلىش بىلەن تونۇلغان ئىدى.

ئاۋام پالاتاسىدا ئۇدا 8 قېتىم ئەزالىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن ئىزۇمى، ئاساسىي قانۇن دېموكراتلار پارتىيەسىنى 2022-يىلى 7-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مەسلىھەتچىلەر مەجلىسى (سانگىيىن) سايلىمىغا تەييارلىماقچى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر