ئامېرىكا خىتاي بىلەن بولغان قورال رىقابىتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ھىپەرسونىك (ئاۋازدىنمۇ تېز) قوراللارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش رىقابىتى بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

1741283
ئامېرىكا خىتاي بىلەن بولغان قورال رىقابىتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانى فىرانك كېندال، ئەنگلىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى — رېيتىرغا بايانات بېرىپ، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا سانىنى كۆپەيتىشنى ئەمەس، سۈپەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى نىشان قىلغان بىر قورال - ياراغ رىقابىتىنىڭ بارلىقىنى ۋە بۇ رىقابەتنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

كېندال يەنە، قوراللىنىش رىقابىتىدە خىتايلارنىڭ بەكلا چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىكىنى، ئەمما ئامېرىكانىڭ بۇ قىلمىشقا قارىتا يېتەرلىك قەدەملەرنى تاشلىمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ، يازدا خىتاينىڭ ھىپەرسونىك بومبا سىنىقى قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلىرى ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى — پېنتاگوننىڭ ئوغىسىنى قايناتقانىدى.

ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى قىسىملىرىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېرالى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ھىپەرسونىك قوراللار مەسىلىسىدە ئامېرىكانىڭ خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ خېلىلا ئارقىسىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى ئارمىيەسى گېنېرالى داۋىد تومپسونمۇ: «بىز ھىپەرسونىك پىروگراممىلار جەھەتتە خىتايلار ياكى رۇسلاردەك ئىلغار ئەمەس، ئەمما ئامېرىكا تېز سۈرئەتتە يىتىشىۋېلىشقا تىرىشماقتا» دېگەنىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر