ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرىدا مۇسۇلمانلارغا ۋە ئىسلامغا قارشى سۆزلەر كۆپەيمەكتە

ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرى مۇسۇلمانلارغا ۋە ئىسلامغا ئالاقىدار خەۋەرلىرىدە، خاتا ئۇچۇر، ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش ئىپادىلىرىنى ئىشلەتمەكتە.

1741246
ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرىدا مۇسۇلمانلارغا ۋە ئىسلامغا قارشى سۆزلەر كۆپەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگىلىيە مۇسۇلمانلار كېڭىشىگە تەۋە تاراتقۇلارنى نازارەت قىلىش مەركىزى تەييارلىغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، 2018-يىلى ئۆكتەبىردىن 2019-يىلى  سىنتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا 48 مىڭدىن ئارتۇق ماقالە ۋە 5500 تېلېۋىزىيە خەۋىرى لېنتىسى تەھلىل قىلىنغان.

ئەنگلىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارغا ۋە ئىسلامغا ئالاقىدار «(2018-2020) يىللىق تارقىتىشلىرى» ناملىق دوكلاتتا، مۇسۇلمانلارغا ياكى ئىسلامغا ئالاقىدار ماقالىلەرنىڭ %60 نىڭ شۇنداقلا  تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرىنىڭ %47 نىڭ سەلەبىي ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتتا، 5 ماقالىدىن ئاز دېگەندە بىرىدە، تېرورلۇق ياكى ئاشقۇنلۇق ئاساس قىلىنغانلىقى ھەمدە دىن، تېرورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇقن تېمىسى ئاستىدا مۇسۇلمانلارغا ۋە ئىسلام دىنىغا قارىتا تەتۇر قاراشلارنىڭ شەكىللەندۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

مۇسۇلمانلارنىڭ خاتا تونۇشتۇرۇلغانلىقى، تۆھمەتكە ئۇچراۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا يەنە، بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۆلەمگە ھۆكۈم قىلىنغان ۋە جەمائەتچىلىكتىن كەچۈرۈم سورىغان 10 دېلو بارلىقى تەكىتلەندى.

ئېنىقلاشلارغا ئاساسلانغاندا، «The Spectator»، «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»، «Mail onSunday»، «خىرىستىيانلار بۈگۈن» ۋە «يەھۇدىيلار يىلنامىسى» قاتارلىق گېزىتلەرنىڭ مۇسۇلمانلار ۋە ئىسلام ھەققىدە دۈشمەنلەرچە پوزىتىسيە تۇتۇۋاتقانلىقى بېكىتىلگەن.

مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادى ياكى پوزىتسىيەلىرىگە بىر تەرەپلىمە مۇئامىلە قىلغان ۋە بۇلارنى ئومۇملاشتۇرغان ياكى خاتا تونۇشتۇرغان ماقالىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئوڭچىلار ۋە دىنىي مەتبۇئاتلار تەرىپىدىن  ئېلان قىلىنىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

«يەھۇدىيلار يىلنامىسى»، «Mail onSunday» ۋە «تېلېگراف» قاتارلىق  مەتبۇئاتلارنىڭ بۇ ۋەجىدىن تۆلەم تۆلەشكە ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

دوكلاتنىڭ تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرى بۆلىكىدە، دۆلەت قاناللىرىنىڭ رايونلۇق قاناللارغا سېلىشتۇرغاندا، مۇسۇلمانلارغا تېخىمۇ بەك تەتۇر قارايدىغانلىقى مۇئييەنلەشتۈرۈلدى. ئۇندىن باشقا يەنە، ئوڭچىل قاراشتىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى يالغان ئۇچۇر تارقىتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇملاشتۇرۇشلاردا بولغانلىقى، نۇرغۇن نۇقتىلاردا قارشى پىكىردىكىلەرگە ئورۇن بەرمىگەنلىكلىرى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر