سەئۇدى ئەرەبىستان كابۇلدا ئەلچىخانا بىناسىنىڭ كونسۇلخانا بۆلۈمىنى ئاچتى

سەئۇدى ئەرەبىستان ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدىكى ئەلچىخانا بىناسىنىڭ كونسۇلخانا بۆلۈمىنى ئاچقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1741339
سەئۇدى ئەرەبىستان كابۇلدا ئەلچىخانا بىناسىنىڭ كونسۇلخانا بۆلۈمىنى ئاچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «س پ ئا ئاگېنتلىقى» دا، كابۇلدىكى ئەلچىخانىنىڭ كونسۇلخانا بۆلۈمىنى ئاچقانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ كابۇل ئەلچىخانىسىدىكى كونسۇلخانا بۆلۈمى سەيشەنبە (2021-يىلى 30-نويابىر) دىن باشلاپ ئېچىلدى» دېيىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان 29-نويابىر (2021) ئافغانىستاندىكى ئىنسانىي ۋەزىيەتنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى دەرھال يىغىن ئۆتكۈزۈشكە چاقىرغان ئىدى.

رىياد ھۆكۈمىتى يىغىن ئۈچۈن پاكىستان تەكلىپ قىلغان 17-دېكابىر (2021) نىڭ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر