يەمەندە خۇسىيلارغا تەۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېخلىرى پاچاقلاپ تاشلاندى

يەمەندە خۇسىيلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى پايتەخت سانادا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېخلىرى ۋە ئامبارلىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى ئارقىلىق پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى ئېلان قىلىندى.

1740702
يەمەندە خۇسىيلارغا تەۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېخلىرى پاچاقلاپ تاشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى SPA يەمەندە ھۆكۈمەت قىسىملىرىنى قوللاۋاتقان ئەرەب بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك باياناتىنى ئېلان قىلدى.

باياناتتا، سانا ئايرودورۇمىغا تەۋە  دۇلەيمى ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىكى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قۇراشتۇرۇش سېخلىرى ۋە پايتەختتىكى يەنە باشقا بىر ئامبارنىڭمۇ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەرەب بىرلەشمە ئارمىيەسى پايتەخت سانادا ئىران ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش قىسىملىرى مۇتەخەسسىسلىرىگە تەۋە بىر مەخپىي رايوننىڭمۇ ۋەيران قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇسىيلارغا تەۋە ئەل-ماسىرا قانىلى  بولسا، ئەرەب بىرلەشمە ئارمىيەسى ئايروپىلانلىرىنىڭ سانا ئايرودورۇمىغا ئۈچ قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇزۇندىن بۇيان سىياسىي مۇقىمسىزلىق ئەۋج ئالغان يەمەندە، خۇسىيلارنى ئىران قوللاۋاتقان بولۇپ، 2014-يىلى سىنتەبىردىن بۇيان پايتەخت سانا ۋە بىر قىسىم رايونلار خۇسىيلارنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا تۇرماقتا.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىملار 2015-يىلى مارتتىن بۇيان خۇسىيلارغا قارشى يەمەن ھۆكۈمىتىنى قوللاپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر