تېرورلۇق تەشكىلاتى ئەششابابنىڭ ھۇجۇمىدا 2 كىشى قازا قىلدى

سومالىنىڭ بەيدوۋا شەھىرىدە تېرورلۇق تەشكىلاتى ئەششابابنىڭ ئىككى ھەربىي بازىغا قىلغان ھۇجۇمىدا بىر ئەسكەرنى قوشقاندا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1740977
تېرورلۇق تەشكىلاتى ئەششابابنىڭ ھۇجۇمىدا 2 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەيدوۋا شەھىرىساقچى مەمۇرلىرىدىن بىرى بولغان ئابدى ئەلى مۇھەممەد شەھەردىكى ئافرىقا ئىتتىپاقى سومالى ۋاكالەتخانىسىغا تەۋە ئېفىيوپىيە ئەسكەرلىرىگە ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان ئايرودورۇمنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدى ئەلى مۇھەممەد ئېغىر قوراللار بىلەن قىلىنغان ھۇجۇمدا ئايرودورۇمدا بىر پۇقرانىڭ قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سومالى ھەربىي بازىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمدىمۇ بىر ئەسكەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتتى.

پايتەخت مۇقدىشۇغا 240 كىلومىتىر كېلىدىغان بۇ شەھەر پارلامېنت سايلىمى باشلانغان ھەپتىنىڭ بېشىدىن بۇيان ئىككىنچى قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر