ستولتېنبېرگ: يالتايتىش كۈچىمىز ۋە مۇداپىئەمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك

ستولتېنبېرگ ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى چاقىرىلىدىغان لاتۋىيەنىڭ پايتەختىدىكى رىگا بىخەتەرلىك مۇنبىرىدە «ناتونىڭ 2030-يىلىغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى ھالىتى» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

1740858
ستولتېنبېرگ: يالتايتىش كۈچىمىز ۋە مۇداپىئەمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ، كېلەچىكىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان ھازىرقى دۇنيادا، ناتونىڭ يالتايتىش كۈچى ۋە مۇداپىئە ئىشلىرىنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ستولتېنبېرگ ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى چاقىرىلىدىغان لاتۋىيەنىڭ پايتەختىدىكى رىگا بىخەتەرلىك مۇنبىرىدە «ناتونىڭ 2030-يىلىغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى ھالىتى» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

باش كاتىپ ستولتېنبېرگ، كېلەر يىلى ئىسپانىيەدە چاقىرىلىدىغان ناتو باشلىقلار يىغىنىدا ماقۇللىنىشنى پىلانلىنىۋاتقان «ناتو يېڭى ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىسى» توغرىسىدا توختىلىپ، ئەڭ ئاخىرقى ئىستراتېگىيەلىك ئۇقۇم ھۆججىتىنىڭ 2010-يىلى پورتۇگالىيەنىڭ پايتەختى لىسبوندا ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنىدا ماقۇللانغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن بۇيان دۇنيادا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

«رۇسىيە بىلەن خىتاي قائىدىلەرنى ئاساس قىلىدىغان خەلقئارا تەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا، كۈچ تەڭپۇڭلۇقى ئۆزگەرمەكتە. دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ئېغىر بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە» دېگەن ستولتېنبېرگ، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ئۇقۇم ھۆججىتىنىڭ بۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، دېموكراتىيەنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەربىي كۈچنى كۈچەيتىشنىڭمۇ زۆرۈرلۈكىنى، ئەڭ يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ئۇقۇم ھۆججىتىدە، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياننىڭ تىنچ دەپ قارىلىدىغانلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى، ئەمما ھازىر رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق پوزىتسىيەسى بىلەن خىتاينىڭ يەر شارىدىكى تەسىرىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشىدەك ئەھۋاللارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

يېنس ستولتېنبېرگ: «مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان ھازىرقىدەك بىر دۇنيادا بىز چوقۇم يالتايتىش كۈچىمىز ۋە مۇداپىئەمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك» دېدى.

ناتونىڭ شىمالىي ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ ئىتتىپاقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ستولتېنبېرگ، بۇ رايوننىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى شېرىكلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر