رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلىدىغان ھەر قانداق ھۇجۇمىنىڭ بەدىلى بولىدۇ

ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىدىكى ھەربىي پائالىيەتلىرىنى ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلىدىغان ھەر قانداق ھۇجۇمىنىڭ بەدىلى ھەمدە سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئاقىۋەتلىرى بولىدۇ» دېدى.

1740761
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلىدىغان ھەر قانداق ھۇجۇمىنىڭ بەدىلى بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ تۈنۈگۈن (2021-يىلى 29-نويابىر) 30-نويابىر ۋە 1-دېكابىر كۈنلىرى ناتو تاشقى ئىشلار مىنستىرلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغان لېتونىيە پايتەختى رىگادا، پىرېزىدېنت ئېگىلس لېۋىتس (Egils Levits) كۆرۈشتى ۋە ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇردى.

ئۇ ئىككى كۈنلۈك يىغىندا، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىدىكى ھەربىي پائالىيەتلىرى، بېلارۇسىيەدىن پولشا، لېتونىيە ۋە لىتۋانىيەگە ئۆتۈشنى ساقلاپ تۇرۇۋاتقان كىىشلەرنىڭ ئەھۋالى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بېلارۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەردىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ رايون مۇقىملىقىغا زىيان سالغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئۇكرائىنا-رۇسىيە چېگراسىدىكى ۋەزىيەتنى يېقىندىن ۋە ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «رۇسىيە بۇ يىل (2021) ھەربىي قىسىملىرىنى رايونغا ئىككىنچى قېتىم كەڭ كۆلەمدە بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان شەكىلدە يىغدى. بۇ يەردە ئېغىر تىپلىق قوراللار، زەمبىرەكلەر، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش سىستېمىلىرى بىلەن مىڭلارچە ئۇرۇشقا تەييار ئەسكەرلەرنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇ ھەربىي قىسىملار سەۋەبسىز ۋە چۈشەنچە بېرىلمىگەن ھالدا ئۇ يەردە تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال جىددىيچىلىكنى كۈچەيتىپ،  چوتنى خاتا سوقۇش ئېھتىماللىقىنى كۈچەيتمەكتە. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلىدىغان ھەر قانداق ھۇجۇمىنىڭ بەدىلى ھەمدە سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئاقىۋەتلىرى بولىدۇ. رۇسىيە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇپ، جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشى كېرەك.»

ئۇ بالتىق رايونىدا ناتونىڭ مەۋجۇدىيىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا پىلان بار-يوقلۇقى سوئالىغا: «رۇسىيە 2014-يىلى قىرىمنى قانۇنسىز بېسىۋالغاندىن كېيىن، ناتو رايوندا مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتتى. سوغۇق ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى كوللېكتىپ مۇداپىئەمىزنى ئەڭ چوڭ كۆلەمدە تولۇقلاش ئىشىنى يېقىنقى يىللاردا ئەمەلگە ئاشۇردۇق. ناتونىڭ ئەسكەر سانىنى ئۈچ ھەسسە كۆپەيتىپ 40 مىڭغا چىقاردۇق. بۇ كۈچ زۆرۈر تېپىلغاندا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەۋەتىلىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ ناتونىڭ شىمالىي ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ ئىتتىپاقى ئىكەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ، رايوننىڭ دۇنياۋى تەھدىتلەر ۋە ھەر خىل سىناقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ يۈكسېلىشى بىلەن دۇنيا كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى، بۇلارنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ئۇقۇم ھۆججەتلىرى ئىچىدىن ئورۇن ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر