گېرمانىيە ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە رۇسىيەنى ئاگاھلاندۇردى

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خېيكو مائاس، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارىتىلغان ھەر قانداق تاجاۋۇزچىلىق ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1740960
گېرمانىيە ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە رۇسىيەنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مائاس رىگادىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ۋە ستوكھولمدىكى ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدىن ئىلگىرى يازما بايانات ئېلان قىلدى.

ھەر ئىككى يىغىندا ئۇكرائىناغا مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ مۇھىم تېما بولىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان مائاس، دۆلىتىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىدىكى ھەربىي پائالىيەتلىرىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى ۋە ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى كۆزەتكۈچىلەر ئۆمىكىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنىڭ جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشكە تۆھپە قوشمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

شۇڭلاشقىمۇ بۈگۈن ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا ئۇكرائىناغا مۇناسىۋەتلىك ۋەزىيەتنىڭ يەنە بىر قېتىم تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىنىدىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان مائاس: «ناتونىڭ ئۇكرائىنانى قوللىشى توختاپ قالمايدۇ. ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىللىقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى دەتالاش تېمىسى قىلىشقا بولمايدۇ. ھەر قانداق تاجاۋۇزچىلىق يۈز بەرسە، رۇسىيە ئۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلىشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مىنىستىر مائاس، جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن سەمىمىي ۋە مەڭگۈلۈك تەدبىر قوللىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، رۇسىيە بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئىشىكلەرنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە، ناتو يىغىنىدا ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭمۇ ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر