G7 سەھىيە مىنىستىرلىرى جىددىي يىغىن چاقىردى

ئەنگلىيەنىڭ تەشەببۇسى بىلەن جىددىي يىغىن چاقىرغان G7 دۆلەتلىرىنىڭ سەھىيە مىنىستىرلىرى، دۇنيانىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ئومىكرون (Omicron) ۋارىيانتىنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1740678
G7 سەھىيە مىنىستىرلىرى جىددىي يىغىن چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە، ئامېرىكا، كانادا، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ سەھىيە مىنىستىرلىرى جىددىي يىغىن چاقىردى ۋە يىغىندىن كېيىن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «دۇنيا خەلقى دەسلەپكى تەكشۈرۈشتە، جىددىي ھەرىكەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ يېڭى، يۇقۇملىنىشچانلىقى يۇقىرى بولغان ۋارىيانتىنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلدى» دېيىلدى.

بۇ سەۋەبتىن، مىنىستىرلارنىڭ ئومىكرون ۋارىيانتىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن جىددىي يىغىن چاقىرىلغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، جەنۇبىي ئافرىقانىڭ ھەم ۋارىيانتنى بايقاش ھەمدە باشقا دۆلەتلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش مەسىلىسىدىكى ئۈلگىلىك خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دائىرىسىدە، خەلقئارالىق پاتوگېننى نازارەت قىلىش تورى قۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك قوللاشنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلدى ۋە مۇنداق دېيىلدى:

«مىنىستىرلار ۋاكسىنانىڭ ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتىنى تونۇپ يەتتى، مەشغۇلات ياردىمى بىلەن تەمىنلىدى، ئىئانە قىلىش ۋەدىلىرىنى ئىلگىرى سۈردى، شۇنداقلا ۋاكسىناغا مۇناسىۋەتلىك خاتا ئۇچۇرلارغا قارشى كۈرەش قىلىشتىن باشقا، تەتقىق قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللىدى. مىنىستىرلار كېيىنكى ھەپتىلەردە ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىش ۋە ئومىكروننى كۆزىتىش ئۈچۈن  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە خەلقئارالىق شېرىكلەر بىلەن داۋاملىق يېقىندىن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. مىنىستىرلار دېكابىر (2021) دا يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈشكە ۋەدە بەردى.»

جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە 2021-يىلى 25-نويابىر دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن «ئومىكرون» دەپ نام بېرىلگەن  «B.1.1.529» ۋارىيانتىنىڭ بايقالغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

دۇنيادا تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەر، ئومىكرون ۋارىيانتى سەۋەبىدىن جەنۇبىي ئافرىقاغا ساياھەتكە بارماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر