تېھران: ۋىيېننادا ئامېرىكا ھەيئىتى بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈلمەيدۇ

خاتىبزادە تېھراندىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسىدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى جەريانىدا، ۋىيېننادىكى يادرو سۆھبىتى توغرىسىدا بايانات بەردى.

1740264
تېھران: ۋىيېننادا ئامېرىكا ھەيئىتى بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈلمەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى سەئىد خاتىبزادە بۈگۈن (ۋىيېننادا) باشلىنىدىغان يادرو سۆھبىتى جەريانىدا ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن ئىككى تەرەپ ئايرىم ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

خاتىبزادە تېھراندىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسىدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى جەريانىدا، ۋىيېننادىكى يادرو سۆھبىتى توغرىسىدا بايانات بەردى.

تېھراننىڭ يادرو سۆھبىتىگە «ئەستايىدىل» ھالەتتە قاتناشقانلىقى ۋە ئامېرىكانىڭ تاشلىغان قەدەملىرىنىڭ دەلىللەش خاراكتېرىگە ئىگە بولۇشىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن نېگىزلىك پىرىنسىپ ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان خاتىبزادە: «ئەگەر ئامېرىكا ۋىيېنناغا قاتمال ھالەتنى يېڭىش ئۈچۈن كەلمىسە، ئىنتايىن ئېغىر شەرتلەر ھاسىل بولىدۇ. تەرەپلەر ئېچىلغان پۇرسەت كۆزنىكىدىن ياخشى پايدىلىنىشى كېرەك. بۇ پۇرسەت مەڭگۈ داۋاملاشمايدۇ. ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن ئىككى تەرەپلىك ھېچقانداق ئۇچرىشىش بولمايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

خاتىبزادە ئىسرائىلىيە ۋە ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ «كۈندىلىك تېلېگراف گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە ماقالىسىنى تەنقىد قىلىپ: «بۇ قەدەم بەزى دۆلەتلەرنىڭ سۆھبەتتە ئەستايىدىل ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپلا قالماستىن، بەلكى سۆھبەت مۇددىتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئاساس سېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇلارغا قارىغىنىڭىزدا، ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ۋىيېنناغا جازاسى بىكار قىلىش ئۈچۈن ئىرادىسى بىلەن كەلمىگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر