كونگودا ئىسيانچىلار 22 پۇقرانى قەتل قىلدى

قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان ئىتۇرى ئۆلكىسىدىكى ھۇجۇمىدا 22 پۇقرا قازا قىلدى.

1740161
كونگودا ئىسيانچىلار 22 پۇقرانى قەتل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى دۆلەت تاراتقۇلىرى، كونگو تەرەققىيات ئىتتىپاقى (CODECO) ناملىق توپىلاڭچى گۇرۇپپىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى تەرىپىدىن قوغدىلىۋاتقان ئىتۇرى ئۆلكىسىدىكى مۇساپىرلار لاگېرىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىپ، 22 پۇقرانىڭ جېنىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، ھۇجۇمدىن كېيىن نۇرغۇن كىشىنىڭ رايوندىن قېچىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر