بىر كىشى ئامېرىكا ئايروپىلانىنىڭ چاقىغا ئېسىلىپ 3 سائەت سەپەر قىلدى

ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە تەۋە بىر ئايروپىلاننىڭ چاقىغا ئېسىلغان كىشى گۋاتېمالادىن ئامېرىكىنىڭ مىئامى شەھىرىگە سەپەر قىلدى.

1740356
بىر كىشى ئامېرىكا ئايروپىلانىنىڭ چاقىغا ئېسىلىپ 3 سائەت سەپەر قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نۆلدىن تۆۋەن 45 گرادۇس ئەتراپىدا 3 سائەت سەپەر قىلغان كىشى ئايرودروم خادىملىرى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇش ماشىنىسى بىلەن دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈلدى.

ئايرودروم مەسئۇللىرى تەرىپىدىن تارتىلغان سىندا ھاياتىنى خەتەرگە ئىتتىرگەن كىشىنىڭ  ئۇچۇش يولىدىكى كۆرۈنۈشلىرى ئورۇن ئالدى.

ھەمبەھىرلەنگەن سىندا ئۇ كىشىنىڭ تىترەپ، ئاران ئۆرە تۇرىۋاتقانلىقى كۆرۈلىدۇ.

مەزكۇر كىشىنىڭ كىملىكى ئاشكارىلانمىدى، ئەمما ۋەقەگە قارىتا تەكشۈرۈش باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر