ئىران بىلەن يادرو مۇزاكىرلىرى ئەتە باشلىنىدىغان بولدى

ئىران بىلەن يادرو كېلىشىمىگە قاتناشقان تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئامېرىكانىڭ كرېلىشىمگە قايتىشى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان، بىراق ئىيۇن ئېيىدا توختاپ قالغان يادرو سۆھبەتلىرىنىڭ يەتتىنچى نۆۋەتلىكى ئەتە باشلىنىدىغان بولدى.

1739772
ئىران بىلەن يادرو مۇزاكىرلىرى ئەتە باشلىنىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋىستىرىيەنىڭ پايتەختى ۋيېنادا باشلىنىدىغان سۆھبەتكە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ماسلاشتۇرىشى بىلەن يادرو كېلشىىمگە تەرەپ بولغان ئىران، رۇسىيە، خىتاي، ئەنگىلىيە، فرانسىيە ۋە گېرمانىيە (4 + 1 دۆلەتلىرى) قاتنىشىدۇ.

2018-يىلى كېلىشىمدىن ئۆز ئالدىغا چېكىنگەن ئامېرىكا بولسا، سۆھبەتكە ۋاسىتىلىق قاتنىشىدىغان بولدى.  

گەرچە ئامېرىكا ئىران بىلەن بىۋاسىتە مۇزاكىرىلىشىشنى خالىسىمۇ، تېھران دائىرىلىرى كېلىشىمگە تولۇق قايتىپ كەلمىگۈچە ۋاشىنگتون بىلەن بىۋاسىتە مۇزاكىرىلىشىشنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.

ئامېرىكا ئىراننىڭ كېلىشىمدىكى ۋەدىسىگە قايتىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

تېھران  دائىرىلىرى بولسا، يادرو كېلىشىمىدىن ئايرىلغان تەرەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، دەسلەپتە ۋاشىنگىتون دائىرىلىرىنىڭ كېلىشىمگە قايتىپ، ئېمبارگولارنى بىكار قىلىشىنى ۋە كېلىشىمدىن قايتا ئايرىلماسلىقىغا كاپالەت بېرىشىنى  تەلەپ قىلماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر