پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ماراكەشنى ئەيىبلىدى

پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ماراكەشنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بىخەتەرلىك كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالىشىنى ئەيىبلىدى.

1739566
پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ماراكەشنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ئىجرائىيە كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بېننى گانتىزنىڭ، ماراكەش زىيارىتى ئەسناسىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ساھەسىدە كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇددۇس ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ماراكەشنىڭ، پەلەستىن خەلقىگە قارىتا ئىرقچىلىق سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇۋاتقان ئىسرائىلىيە بىلەن «بۇنداق خەتەرلىك قەدەمنى بېسىشى» نىڭ كۈتۈلمەيۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، ئىسرائىلىيە بىلەن بىخەتەرلىك ساھەسىدە ئىمزالانغان كېلىشىم لايىھەسىنىڭ، ئەرەبلەرنىڭ مىللىي بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتىگە خىلاپ ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ماراكەش ھۆكۈمىتىدىن، بۇ كېلىشىم لايىھەسىدىن ۋاز كېچىشى تەلەپ قىلىندى.

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بېننى گانتىزنىڭ 24 – 25 – نويابىر كۈنلىرى ماراكەشكە قىلغان زىيارىتىدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىستىخبارات،  دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى، بىخەتەرلىك ۋە مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىق كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر