ياپونىيە بىلەن رۇسىيە تىنچلىق كېلىشىمى مۇزاكىرەلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشتى

ياپونىيە بىلەن رۇسىيە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن باشلانغان تىنچلىق كېلىشىمى مۇزاكىرەلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشتى.

1739140
ياپونىيە بىلەن رۇسىيە تىنچلىق كېلىشىمى مۇزاكىرەلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ھاياشى يوشىماسا تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايون ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى.

ئىككى مىنىستىر كۆرۈشۈشتە، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن باشلانغان تىنچلىق كېلىشىمى مۇزاكىرەلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى.

ئىككى مىنىستىر يەنە، كۇرىل رايونىدىكى ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ھاياشى ياپونىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىنى «ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش پىرىنسىپى» ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىش مەسىلىلىرىنىمۇ مۇزاكىرە قىلغان ئىككى مىنىستىر، پات ئارىدا بىر-بىرى بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈش تىلەكلىرىنى تىلغا ئالدى.

ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ھاياشى ياپونىيەنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە ئۇكرائىنا ۋە بېلارۇسىيەدە يۈز بەرگەن جىددىيچىلىككە مۇناسىۋەتلىك ئەندىشەلىرىنى لاۋروۋغا يەتكۈزدى.

سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى 1945-يىلى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندا، ياپونىيەنىڭ تىنچ ئوكيان بىلەن ئوھوتسك دېڭىزىنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان ۋە تەخمىنەن 1300 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇققا ئىگە كۇرىل ئاراللىرىنى قوشۇۋالغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ياپونىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىنىشى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلار نەتىجىسىز قالماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر