ئاۋستىرالىيەدە مۈشۈكلەرنىڭ كوچىغا چىقىشى چەكلەندى

ئاۋستىرالىيەنىڭ ۋىكتورىيا، جەنۇبىي ئاۋستىرالىيە ئىشتاتلىرى ۋە پايتەخت ئەتراپىدىكى رايونلاردا مۈشۈكلەرنىڭ كوچىغا چىقىشى چەكلەندى.

1739356
ئاۋستىرالىيەدە مۈشۈكلەرنىڭ كوچىغا چىقىشى چەكلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋستىرالىيەنىڭ ۋىكتورىيا، جەنۇبىي ئاۋستىرالىيە ئىشتاتلىرى ۋە پايتەخت ئەتراپىدىكى رايونلاردا مۈشۈكلەرنىڭ كوچىغا چىقىشى چەكلەندى. مەزكۇر بەلگىلىمە بۇ ئىشتاتلاردا پۈتۈن كۈن كۈچكە ئىگە.

بەزى رايونلاردا مۈشۈكلەرنىڭ كوچىغا چىقىشىنى چەكلەش بەلگىلىمىسى كېچە سائەتلىرىدە ئىجرا قىلىنىدۇ. مۈشۈكلەر پەقەت ساھىبلىرىنىڭ ئۆيىدە ئەركىن كەزسە بولىدۇ.

بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، كوچىغا چىققان مۈشۈكلەر يىغىۋېلىنىدىكەن. ساھىبلىرى 125 ئاۋستىرالىيە دوللىرى جەرىمانە تۆلىسە، قايتۇرۇپ بېرىلىدىكەن.

ھايۋانسۆيەرلەر قارارغا نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، مەسئۇل دائىرىلەر ھايۋانلارغا چەكلىمە قويۇلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

قارار بىلەن، يەرلىك ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش ۋا قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاشنىڭ مەقسەت قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئاۋستىرالىيەدە 3 مىليون 800 مىڭ ئۆي مۈشۈكى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ بىر كۈندە 1 مىليون 200 مىڭ قۇشنى ئۆلتۈرىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.


خەتكۈچ: #مۈشۈك

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر