ئىران: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن پۈتۈشتۇق

ئىران مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى باقىرى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن «ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى سەھىپە ئېچىش» مەسىلىسىدە پۈتۈشكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

1738441
ئىران: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن پۈتۈشتۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باقىرى، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى زىيارىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، زىيارىتى دائىرىسىدە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۆلەت باشلىقىنىڭ دىپلوماتىيە ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئەنۋەر گارگاش ۋە دۆلەت باشلىقى خەلىپە شاھىن ئەلمارار بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىران - ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى سەھىپە ئېچىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدۇق.»

يەنە بىر تەرەپتىن، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (WAM) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى باقىرىنىڭ گارگاش ۋە مارار بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرىدا، «ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى ئورتاق مەنپەئەتلەر چىقىش نۇقتا قىلىنغان ئىناق قوشنىدارچىلىق پىرىنسىپىغا ئاساسەن تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى» تەكىتلەنگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر