ئىنتېرپولنىڭ رەئىسلىكىگە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن رائىسى سايلاندى

خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى (ئىنتېرپول) نىڭ رەئىسلىكىگە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن ئەھمەد ناسىر ئەررائسى سايلاندى.

1738573
ئىنتېرپولنىڭ رەئىسلىكىگە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن رائىسى سايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ ئىستانبۇلدىكى خەلىج قۇرۇلتاي زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن 89 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىنىڭ 3 – كۈنى، تەشكىلاتنىڭ يېڭى رەئىسى ۋە ئىجرائىيە ھەيئەت ئەزالىرىنى سايلاش باشلاندى.

سايلام نەتىجىسىدە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن ئەھمەد ناسىر ئەررائسى، خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ يېڭى رەئىسى بولۇپ سايلاندى.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئەررائىسى ئۇدا 4 يىل رەئىس سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەيدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر