شىۋېتسىيەنىڭ تۇنجى ئايال باش مىنىستىرىنىڭ ۋەزىپىسى 7 سائەت داۋاملاشتى

شىۋېتسىيەنىڭ تۇنجى ئايال باش مىنىستىرى بولۇپ سايلانغان ماگدالېنا ئاندېرسون 7 سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

1738394
شىۋېتسىيەنىڭ تۇنجى ئايال باش مىنىستىرىنىڭ ۋەزىپىسى 7 سائەت داۋاملاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ئاندېرسون، تۈنۈگۈن ئەتىگەندە پارلامېنتتا ئۆتكۈزۈلگەن  سايلامدا ئىشەنچ ئاۋازىغا ئېرىشىپ، شىۋېتسىيەنىڭ تۇنجى ئايال باش مىنىستىرى بولۇپ سايلانغانىدى.

ئارقىدىنلا، بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ شېرىكى بولغان يېشىللار پارتىيەسى، ئوڭ قانات پارتىيەلەر تۈزگەن خامچوت لايىھەسى پارلامېنت تەرىپىدىن ماقۇللانغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەتتىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

يېشىللار پارتىيەسى ھۆكۈمەتتىن چېكىنگەندىن كېيىن، باش مىنىستىر  ئاندېرسون، ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

شۇنىڭ بىلەن،  ئاندېرسوننىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسى 7 سائەت داۋاملاشقان بولدى.

يېشىللار پارتىيەسىنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسى پېر بولۇند، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «بىز ئوڭ قانات پارتىيەلەرنىڭ خامچوت لايىھەسىگە ئاساسەن دۆلەتنى باشقۇرۇشنى خالىمايمىز، شۇ ۋەجىدىن، بىز ھۆكۈمەتتىن چېكىنىش يولىنى تاللىدۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر