كوۋىد-19 ھەر خىل ۋارىيانتلىرى بىلەن دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

مۇتەخەسسىسلەر بۇ قېتىم ناھايىتى كۆپ ساندا گىن ئۆزگىرىشىگە ئىگە «بوتسۋانا ۋارىيانتى» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.

1738504
كوۋىد-19 ھەر خىل ۋارىيانتلىرى بىلەن دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاگاھلاندۇرۇشتا، 32 ئۆزگىرىشگە ئىگە بۇ ۋارىيانتنىڭ بەدەننىڭ مۇداپىئە سىستېمىسىدىن قۇتۇلۇش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كېسەللىكلەرنىڭ شەكىللىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

ئەسلى ئىسمى «B.1.1.529»  دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ۋارىيانت ھازىرغا قەدەر بوتسۋانادا 3 كىشىدە، جەنۇبىي ئافرىقىدا 6 كىشىدە ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدىن خوڭكوڭغا بارغان 1 كىشىدە بايقالدى.

ئەنگىلىيە لوندون ئۇنۋېرسىتىتى ئىمپېرىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ ۋىرۇس مۇتەخەسسىسى دوكتور توم پېكوك بۇ ۋارىيانتنىڭ قۇرۇلمىسى سەۋەبىدىن نۇرغۇن قېتىم يېقىندىن كۆزىتىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر