خىتاي: ئامېرىكا تەيۋەن مەسىلىسىدىن خىتاينى قورشاۋغا ئېلىش ئۈچۈن پايدىلىنىۋاتىدۇ

خىتاي ئامېرىكانى «تەيۋەن مەسىلىسىدىن خىتاينى قورشاۋغا ئېلىش ئۈچۈن پايدىلىنىۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىدى.

1736799
خىتاي: ئامېرىكا تەيۋەن مەسىلىسىدىن خىتاينى قورشاۋغا ئېلىش ئۈچۈن پايدىلىنىۋاتىدۇ
vang yi.jpg
cin-tayvan-bayraklari-askeri-ucaklar.jpg
ABD Tayvan bayrak.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئۆز دۆلىتى بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتكە ئۈچىنچى دۆلەتلەرنىڭ تەرەپ بولۇشقا مەجبۇرلانماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتاىسىگېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مىنىستىر ۋاڭ يى ھىندونېزىيە ئاقىللار ئامبىرى تاشقى سىياسەت جەمئىيىتى چاقىرغان تور يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىگەن.

ۋاڭ يى دۇنيانىڭ تەقدىرىنىڭ ۋە كەلگۈسىنىڭ ۋاشىنگتون بىلەن بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى قانداق ئېلىپ بېرىشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «ئايرىلىش ۋە مۇناسىۋەتنى قەستەن ئۈزۈشنى ئاساس قىلغان كەسكىن رىقابەتنىڭ ئورنىغا، ئۈچىنچى دۆلەتلەر چوڭ كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشتە تەرەپ بولۇشقا مەجبۇرلانمايدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە تەڭ پايدا ئېلىش پىرىنسىپىنى ئاساس قىلغان ئىجابىي ۋە يۇمشاق رىقابەت بولۇشى كېرەك ئىدى» دېدى.

ۋاڭ يى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ رايوندىكى رولىنى كېڭەيتىشىنى قوللايدىغانلىقىغا ئىما قىلىپ، بۇنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئارقىلىق رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا قوشىدىغان تۆھپىسىنىڭ بارلىق دۆلەتلەرگە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋاڭ ھىندى-تېنچ ئوكيان رايونىدا توقۇنۇش چىقىرىش ۋە سىياسىي، ھەربىي گۇرۇھلارنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ تىنچلىققا ۋە گۈللىنىشكە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «بۇ خىل تەشەببۇسلار ئەڭ كۈچلۈك كوللېكتىپ بايقۇت قىلىشقا ئەرزىيدۇ» دېدى.

ۋاڭ تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىغا قارشى تۇرۇشنىڭ تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە گۈللىنىش پۇرسىتىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكانى «تەيۋەن مەسىلىسىدىن خىتاينى قورشاۋغا ئېلىش ئۈچۈن پايدىلىنىۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر