ئامېرىكا، مېكسىكا ۋە كانادا ئۈچ تەرەپ يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئامېرىكا، مېكسىكا ۋە كانادا رەھبەرلىرى 2016-يىلدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى يىغىنىدا، ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19)، كۆچ، تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىك قاتارلىق تېمىلاردا ئۆز ھەمكارلىق سىگنالىنى بەردى.

1735912
ئامېرىكا، مېكسىكا ۋە كانادا ئۈچ تەرەپ يىغىنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ ساھىبخانلىقىدا، مېكسىكا پىرېزىدېنتى ئاندرېس مانۇئېل لوپېز ئوبرادور (Andres Manuel Lopez Obrador) ۋە كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترېدۇ ئۈچ تەرەپ يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئاقساراي پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۈچ تەرەپ يىغىنى ئېچىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، شىمالىي ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئارىدىن بەش يىل ئۆتكەندە ئۆتكۈزگەن تۇنجى يىغىندا، دۆلەتلەر ئارىسىدا ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە كۈچلۈك ئالاقىلەر تەكىتلەنگەن.

رەھبەرلەر ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەش، دۇنيا ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى، رىقابەتچىلىكنىڭ تەرتىپكە سېلىنىشى، باراۋەر ئىقتىسادىي ئېشىش، كۆچ ۋە رايونلۇق كۈرەش قاتارلىق مەسىلىلەردە كونكرېت قەدەملەرنى تاشلاش توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان.

دۇنيا زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇشتىمۇ قەدەم تاشلاش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن يىغىندا، ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تەمىنلەش زەنجىرى مەسىلىسىدە كوردىناتسىيە مېخانىزمىنى قۇرۇش قارار قىلىنغان.

دۇنيا كىلىمات كىرىزىسىغا قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىش قارارلىرى چىقىرىلغان يىغىندا يەنە، كۆچمەنلىك بەلگىلىمىلىرىگە بەزى تۈزىتىشلەرنى كىرگۈزۈش تەكىتلەنگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر