تۈركىيە – ئۇكرائىنا ھۆكۈمەتلەر ئارا رامكا كېلىشىمى ماقۇللاندى

ئۇكرائىنا پارلامېنتى «ئۇكرائىنا – تۈركىيە ھۆكۈمەتلەر ئارا رامكا ھەربىي كېلىشىمىنى تەستىقلاش» قا دائىر قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

1735837
تۈركىيە – ئۇكرائىنا ھۆكۈمەتلەر ئارا رامكا كېلىشىمى ماقۇللاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قانۇن لايىھەسى، 450 پارلامېنت ئەزاسىدىن تەشكىل تاپقان پارلامېنتتا، 303 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى نەتىجىسىدە ماقۇللاندى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكىنىڭ، 2020 – يىلى 16 – ئۆكتەبىر كۈنىدىكى ئىستانبۇل زىيارىتى ئەسناسىدا ئىمزالانغان كېلىشىم، ھەربىي ھەمكارلىق مەسىلىلىرىنىڭ قانۇنىي ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر