ياپونىيە بىلەن فىلىپپىن  پۈتۈشتى

ياپونىيە بىلەن فىلىپپىن  «ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكيان»  ئىستىراتېگىيەسى مەسىلىسىدە پۈتۈشتى.

1735631
ياپونىيە بىلەن فىلىپپىن  پۈتۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىئو فىلىپپىن پىرېزىدېنتى رودرىگو دۇتېرتې بىلەن سىنلىق كۆرۈشۈپ، تەرەپلىك ۋە رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

كىشىدا، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ پائالىيەتلىرى كۆپىيىپ كەتكەن شەرقىي خىتاي دېڭىزى ۋە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنىڭ ھازىرقى سالاھىيىتىنىڭ ئۆزگەرتىۋېتىلىشىگە قارىتا بىر تەرەپلىمىلىك تەشەببۇسلارغا قەتئىي قارشى ئىكەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

فىلىپپىن پىرېزىدېنتى رودرىگو دۇتېرتې، ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي سايلامدا غەلبە قىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن كىشىدانى تەبرىكلىدى.

كۆرۈشۈشتە، دۇتېرتې بىلەن كىشىدا، «ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تېنچ ئوكيان» ئىستىراتېگىيەسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ھەمكارلىقنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسىدە  بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

ئىككى رەھبەر، ئىككى تەرەپلىك ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىككى تەرەپلىك سۆھبەتنىڭ باشلىنىشى ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى.

ئىگىلىنىشىچە، ئەگەر ئىككى تەرەپلىك سۆھبەت باشلانسا، فىلىپپىن ياپونىيە قەرەللىك ھالدا ئىككى تەرەپلىك سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغان توققۇزىنچى دۆلەت بولىدىكەن.

توكيو ھۆكۈمىتى، نۆۋەتتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئاۋىستىرىيالىيە، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ھىندىستان، ھىندونېزىيە ۋە رۇسىيە بىلەن ئىككى تەرەپلىك سۆھبەت ئۆتكۈزمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر