پولشا چېگرا قوغداش قىسىملىرى بىلەن مۇساپىرلار ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى

پولشا-بېلارۇسىيە چېگراسىدا مۇساپىرلار كىرىزىسى داۋاملىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، پولشا چېگرا قوغداش قىسىملىرى مۇساپىرلارغا يۇقىرى بېسىملىق سۇ چېچىپ ۋە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىپ، مۇساپىرلارنى تارقىتىۋەتمەكچى بولدى.

1735534
پولشا چېگرا قوغداش قىسىملىرى بىلەن مۇساپىرلار ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پولشا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى كۇزنىكا چېگرا ئېغىزىدا خەۋپسىزلىك تارماقلىرى بىلەن مۇساپىرلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن سۈركىلىشلەرگە مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئولارنى ھەمبەھىرلىدى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا: «مۇساپىرلارنىڭ كۇزنىكا چېگرا ئېغىزىغا قىلغان ھۇجۇمى چېكىندۈرۈلدى. ھۇجۇمچىلار ئاساسەن دېگۈدەك ياش ئەرلەر ئىدى» دېيىلدى.

پولشا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يەنە، ھۇجۇملارنىڭ بېلارۇسىيە كۈچلىرىنىڭ «كونتروللۇقى ئاستىدا» يۈز بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ۋىدېئولاردا مۇساپىرلارنىڭ پولشا خەۋپسىزلىك قىسىملىرىغا تاش ئاتقانلىقى، خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ ئاممىۋى ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئىشلىتىلىدىغان ۋاستىلەردىن پايدىلانغانلىقى كۆرۈلىدۇ.

پولشا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارىيۇسز بلاسززاك (Mariusz Blaszczak) مەزكۇر ھۇجۇملارنىڭ، بېلارۇسىيە پىلانلىغان تەتۈر تەشۋىقات ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ھەربىي قىسىملىرىمىزغا بۈگۈنكى ھۇجۇمنى چېكىندۈرگەنلىكى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىمەن. پولشا ئۇلارنىڭ سايىسىدا بىخەتەر تۇرۇۋاتىدۇ. چېگرادا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بارلىق ئەسكەرلەر مۇكاپاتلىنىدۇ. بىز ئۇلارغا مىننەتدار. بېلارۇسىيە ھاكىمىيىتى پىلانلىغان تەتۈر تەشۋىقات ھەرىكىتىگە دۇچ كېلىۋاتىمىز. بۇ ئەھۋالغا قارىتا دىققەت قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئېغىر مەسئۇلىيەت ئاستىدىكى ئەسكەرلىرىمىزنى تەڭ قوللايلى» دېدى.

ياۋروپا كومىتېتى باشلىقى ئۇرسۇلا فوندېرلېيېن تۋىتتېر ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ، لىتۋانىيە پىرېزىدېنتى گىتاناس ناۋسېدا (Gitanas Nauseda) ۋە لىتۋانىيە باش مىنىستىرى ئىنگرىدا سىمونىتې (İngrida Simonyte) بىلەن پولشا-بېلارۇسىيە مۇساپىرلار كىرىزىسىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «ئېمبارگولار ۋە بېسىلىدىغان كېيىنكى قەدەملەر ئۈچۈن مەۋجۇت ئەھۋالنى مۇزاكىرە قىلدۇق. ياۋروپا ئىتتىپاقى چېگرا باشقۇرۇش مەسىلىسىدە قوشۇمچە ياردەم قىلدى. ئ.ەزا دۆلەتلەرنى قوللايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر