ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا خىتايغا قارشى ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى

خىتاي بارغانچە ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇۋاتقان جەنۇبىي دېڭىزدا، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا تۇنجى قېتىم سۇ ئاستى پاراخوتمۇ ئورۇن ئالغان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى.

1734892
ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا خىتايغا قارشى ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە دېڭىز-ئوكيان مۇداپىئە ئارمىيەسى (MSDF) ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى بىلەن جەنۇبىي دېڭىزدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ياپونىيەنىڭ ئىككى قوغلىغۇچى پاراخوتى ۋە چارلاش ئايروپىلانى قاتناشقان مانېۋىرغا تۇنجى قېتىم ياپونىيە دېڭىز-ئوكيان مۇداپىئە ئارمىيەسى (MSDF) گە تەۋە سۇ ئاستى پاراخوتىمۇ يوللانغان.

ياپونىيە دېڭىز-ئوكيان مۇداپىئە ئارمىيەسى (MSDF)  نىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ مانېۋىر ئامېرىكا ۋە ياپونىيەنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا سۇ ئاستى پاراخوتى قاتناشقان تۇنجى ھەربىي مانېۋىرى ئىكەن.

ياپونىيە دۆلەت تاراتقۇسى «NHK» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پۈتۈن رايوندا سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى تۇرۇش مەشقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ مانېۋىرغا ئامېرىكانىڭ قوغلىغۇچى پاراخوتى ۋە چارلىغۇچى ئايروپىلانىمۇ قاتناشقان.

ياپونىيە دۆلەت تاراتقۇسى «NHK»  خىتاينىڭ رايوندىكى ھەربىي كۈچىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، بىرلەشمە مانېۋىرنىڭ ياپونىيە-ئامېرىكا ئىتتىپاقى دائىرىسىدىكى «ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكيان نىشانى» نى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر