يەمەندە مال باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

يەمەن ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزالىرىدىن دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي كرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ياردەم تەلەپ قىلدى.

1734946
يەمەندە مال باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەن رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «SABA» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەد بىن مۇبارەك ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا 5 دۆلەتنىڭ يەمەندە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەن.

ئۇچرىشىشتا ئەھمەد بىن مۇبارەك يەمەن رىيالىنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنىڭ دۆلەتتىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىنى يامانلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي كرىزىسقا تاقابىل تۇرۇشتا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرىنى يەتكۈزگەن.

ئەھمەد بىن مۇبارەك ھۆكۈمەتنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاش ۋە يەمەن رىيالىنىڭ چەتئەل پىرۇۋىتلىرى ئالدىدىكى قىممىتىنى يۇقۇتىشىنى توختىتىش ئۈچۈن مەركىزىي بانكىغا زۆرۈر بولغان ياردەملەرنى قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى لاھىج ۋىلايىتىدە يۈزلىگەن كىشى تۇرمۇشنىڭ قىممەتلىكى ۋە يەمەن رىيالنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈشىگە قارشى نارازلىق  نامايىشى ئۆتكۈزدى.

يەمەنلىك پائالىيەتچىلەرنىڭ چاقىرىقى بىلەن لاھىجقا قاراشلىق ئەل-ھابىلىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا، مال باھاسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئۆسۈشىگە قارشى نارازىلىقلار ئىپادىلەنگەن پىلاكاتلار ئېچىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر