پولشا مۇساپىرلار كىرىزىسىنىڭ قوراللىق توقۇنۇشقا ئايلانمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

بېلارۇسىيە-پولشا چېگراسىدا ياۋروپاغا ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان كۆچمەنلەرنىڭ بىر قىسمى چېگرا ئېغىزىدىن ئورمانلىق ئىچىدىكى لاگېرغا قايتىپ كەلدى. يەنە بىر قىسمى بولسا، كېچىنى تاڭ ئاتقۇزۇش ئۈچۈن تەييارلانغان مەركەزگە قايتتى.

1735048
پولشا مۇساپىرلار كىرىزىسىنىڭ قوراللىق توقۇنۇشقا ئايلانمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلارۇسىيەنىڭ گرودنو (Grodno) شەھىرىدىكى برۇزگى (Bruzgi) چېگراسىدا، كۆپىنچىسى ئىراقتىن ۋىزا ئېلىپ بېلارۇسىيەگە بارغان ۋە ياۋروپاغا بېرىش ئۈچۈن پولشا چېگراسىدىن ئۆتمەكچى بولغان مۇساپىرلار، چېگرادىن ئۆتۈش نۇقتىسىدىن ئايرىلدى.

بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر لۇكاشېنكو گرودنو ۋالىي مەھكىمىسىگە چېگرادىكىلەرنىڭ كېچىنى ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن بىر ئۈستى يېپىق جاي تەييارلاشقا بۇيرۇق چۈشۈردى.

بېلارۇسىيە تەكشۈرۈش كومىتېتى چېگرادىكى مۇساپىرلار بىلەن پولشا خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن سۈركىلىشتىن كېيىن، رايوندا تەكشۈرۈشنى باشلىدى.

بېلارۇسىيە دۆلەت چېگرا كومىتېتى: «پولشا خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ قورالسىز كىشىلەرگە ئالاھىدە قورال-ياراغ ئىشلەتكەنلىكى رويخەتكە ئېلىندى» دەپ بايانات ئېلان قىلدى.

ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەنبەلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بېلارۇسىيە-پولشا چېگراسىغا بارغان 170 كىشى دۆلىتىگە قايتىش ئۈچۈن ئىراقنىڭ مىنسكتىكى ئەلچىخانىسىغا ئىلتىماس قىلغان ۋە 55 كىشىنىڭ ترانزىت ئۆتۈشى ئۈچۈن پاسپورت بېرىلگەن.

ب د ت بېلارۇسىيە-پولشا چېگراسىدا ياۋروپاغا بارماقچى بولغان مۇساپىرلارغا قارشى كۈچ ئىشلەتمەسلىكنى چاقىرىق قىلدى.

ب د ت باش كاتىپى باياناتچىلىرىدىن فارخان ھاق كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، پولشا خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ چېگرادىكى مۇساپىرلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىپ، بېسىملىق سۇ چاچقانلىقى توغرىسىدا توختالغاندا، ھازىرچە بۇنى توغرىلىيالمىغانلىقىنى، بىراق بۇنداق مۇئامىلە قىلىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پولشا مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە ھاكىمىيەتتىكى قانۇن ۋە ئادالەت پارتىيەسىنىڭ باشلىقى جاروسلاۋ كاجزىنىسكى (Jaroslaw Kaczynski)، پولشا-بېلارۇسىيە چېگراسىدىكى مۇساپىرلار كىرىزىسى قوراللىق توقۇنۇشقا ئايلانمايدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ پولشا-بېلارۇسىيە چېگراسىدىكى سۈركىلىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «سۈركىلىشلەر داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئەمما قوراللار ئىشلىتىلگەن ئۇرۇش ھازىرچە يوق» دېدى.

ئۇ چېگرادىكى يىرىكچىلىكلەرنىڭ ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملىشىشى مۇمكىنلىكىنى، بېلارۇسىيەنىڭ مۇساپىرلارغا ياردەم قىلغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتلارنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر